Рет қаралды 17,805
Title:Bir Kem Dunya بىر كەم دۇنيا
Singer: Zulhumar Zeper
Composition : Yasmil Marrufo/Ricardo Montaner/Camilo Echeverry/Marco "Tainy" Masis
بىر كەم دۇنيا
سۆزى : مەمەتتۇرغۇن ئەلى
ئاۋاز ئۈنۈملىگۈچى : قەيسەر ئەركىن
ئورۇنلۇغۇچى : زۇلخۇمار زەپەر
ناخشا تىكىسى
ئەزەلدىن بىركەم دۇنيا ،
ۋىسالغا يەتكەن كىم بار .
ئۇنتۇشنىڭ ئازابى تەس ،
بەلكىم ئۆمۈر يەتمەس ،
قەلبى ئاشىقلارغا .
سېغىنىش سەۋدا گويا ،
قىينايدۇ پىنھانلاردا .
ئۇنتۇشقا كۆز يەتمەس ،
بەرداشلىق بەرمەك تەس ،
مۇھەببەت ئازابىغا .
سېغىنىدۇ كىمدۇر بىرى ،
ئاشىقىنى كېچىلىرى .
ئۇنتۇپ كەتتى لېكىن ئاشىق ،
بەلكىم ئۇنى ، بەلكىم ئۇنى
بىركەم دۇنيا ……
ۋىسالغا يىتەلمەيدۇ سۆيۈشكەنلەر ،
مۇھەببەت پەيزىن سۈرۈپ يۈرۈشكەنلەر ،
ئايرىلمايمىز دەپ ۋەدە بېرىشكەنلەر .
سۆيۈش ئاسان ……
ئۇنتۇش قېيىن ……
سۆيگەن يۈرەك ئازابلارغا ئەڭ يېقىن .
سېغىنىدۇ كېچىلىرى .
ئۇنتۇپ كەتتى لىكىن ئاشىق ،
بەلكىم ئۇنى ، بەلكىم ئۇنى .
بىركەم دۇنيا ……
ۋىسالغا يىتەلمەيدۇ سۆيۈشكەنلەر ،
مۇھەببەت پەيزىن سۈرۈپ يۈرۈشكەنلەر ،
ئايرىلمايمىز دەپ ۋەدە بېرىشكەنلەر .