Рет қаралды 552
گۇلۇم
پاك قەلبىمدە خان گۈلۈم،
مىنىڭ ئەزىزجان گۈلۈم.
ھىجرانىمنى سورىما،
يۈرەك باغرىم قان گۈلۈم.
كۆرۈنمىدىڭ ئاھ گۈلۈم،
سەنسىزغەمكىن ھەركۈنۈم.
سەن ھالىمنى سورىما ،
يۈرەك باغرىم قان گۈلۈم.
ئاتەش كەبى ياندىم گۈلۈم،
ئۆلدۈم ۋە ئويغاندىم گۈلۈم.
سەنسىزغەمكىن ھەركۈنۈم،
پىنھان لاردا ياشىدىم.
سەن ھالىمنى سورىما،
قايغۇلۇقتۇرھەر كۈنۈم.
. . . . . . . . . . . . . . . قوللىغىنىڭىزغا رەخمەت. . . . . . . . . . . . . . .