Рет қаралды 42
پىسخىكىلىق نۇقتىدىن تەھلىل قىلغان ۋاقتىمىزدا مۇكەممەللىكنى قوغلىشىش بىر خىل كىشىلىك قەدىر-قىممەت ئالاھىدىلىكى، يەنى خاسلىق ئىچىدە ھەرقانداق ئىشتا كامالەتكە يېتىشنى قوغلىشىش خاھىشىغا ئىگە. مۇكەممەللىكنى قوغلىشىش خاراكتېرى ئالدى بىلەن جاھىللىق، ئۈلۈك، جانلىق بولماسلىق، ئۆزىگە ياكى باشقىلارغا ناھايىتى يۇقىرى ئۆلچەم بەلگىلەپ بېرىشتە ئىپادىلىنىدۇ. بىر ئىش قىلغاندا چوقۇم ئۇنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلمىسا بولمايدۇ. ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ قالسىلا ئازاپلىنىدۇ. ئۇنى قۇبۇل قىلالمايدۇ. پىسخىكا مۇتەخەسسىلىرىنىڭ قارىشىچە، بىر ئادەمنىڭ مۇكەممەللىكنى قوغلىشىش خاھىشى ئادەتتە دەسلەپكى ئائىلىسىدىكى ئۆسۈپ-يېتىلىشنىڭ تەسىرىدىن كىلىدۇ.