«ئوچۇق سۆھبەت»: ۋەتەنگە قايتىۋاتقان ئۇيغۇرلار دەۋاغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ / نەق مەيدان

  Рет қаралды 3,148

Istiqlal TV

Istiqlal TV

Күн бұрын

ھۆرمەتلىك كۆرۈرمەنلەر! «ئىسلام ۋە بىز» پىروگراممىمىزنىڭ 139-سانىدا، دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ئۇستاز ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي بىلەن «ۋەتەننىڭ ھۆرلۈكى ئەقىلنى ئازاد قىلىشتىن باشلىنىدۇ» دېگەن تېمىدا سۆھبەتلىشىمىز. دىققىتىڭلار ئېكرانىمىزدا بولسۇن!
Hörmetlik körürmenler! «Islam we Biz» pirogrammimizning 139-sanida, Dunya Musulman Alimlar Birliki we Sherqiy Türkistan Ölimalar Birliki ezasi ustaz Abdurahman Jamal Kashigheriy bilen «Wetenning Hörlüki Eqilni Azad Qilishtin Bashlinidu» dégen témida söhbetlishimiz, diqqitinglar ékranimizda bolsun!
فېسيبۇك: / istiqlaltv.net​
تىۋىتتېر: / istiqlaltv1​
ئىنستىگرام: / istiqlaltv_. .
تېلېگرام: t.me/istiqlalm...
ئىستىقلال خەۋەر تورى: istiqlalhaber.com

Пікірлер: 9
@SametAwut
@SametAwut Ай бұрын
ئاجايىپ ياخشى ۋە يوقۇرى سەۋىيەلىك سۆھبەت بولۇپتۇ. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ۋەتەنگە بېرىپ كېلىۋاتقان ماڭقۇرتلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىگە ناھايتى ياخشى باھا بېرىپتۇ. كۆپ رەھمەت.
@tahirqahiri1275
@tahirqahiri1275 Ай бұрын
ھېكايەت: گېرمانىيەدە شەرقىي ئۇيغۇر بودۇندىن بۇ يەرگە بەك ئۇزۇن يىللار تەبىي پەندە ئوقۇغىلى كەلگەن بىر ئادەم بار ئىكەن. ئۇ 2000 - يىللارنىڭ باشلىرىدا دوكتور ئاشتى لىقنى تۈگىتىپ بۇ يەردە ئىش تاپالماپتۇ. ئاشۇ يىللاردا خالمۇرات غوپۇر ئۇ يەردە تېببىي ئۇنېۋېرستېت مۇدىرى بوپتۇ. بۇ شەرقىي ئۇيغۇر بودۇنلۇق ئۇيغۇر ئۇ ۋاقىتتا خالمۇرات غوپۇر بار مەكتەپكە "تەڭرىتاغ ئىلىم ئەھلى" دېگەن تۈرگە ئىلتىماس قىلىپ، خالمۇرات غوپۇرنىڭ باش سىلىشى بىلەن ئىشقا تەكلىپ قىلىنىپ خالمۇرات غوپۇر بار ئۇنىغا ئىشقا چۈشۈپتۇ. 2018 - يىلى خالمۇرات غوپۇر تۇتۇلغاندا بۇ "تەڭرىتاغ ئالىمى" گېرمانىيەگە تىكىۋىتىپتۇ ھەم خالمۇرات غوپۇرنىڭ تەقدىرى ھەققىدە بىر ئېغىز گەپ قىلماپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ خوتۇنى بىلەن ھەر يىلى شەرقىي ئۇيغۇر بودۇنغا بېرىپ كېلىدىكەن. ئەڭ غەزەپلىك يېرى، ئۇ گۇي خالمۇرات غوپۇر ھەققىدە بىر ئېغىز گەپ قىلمىدى. خالمۇرات غوپۇر بىر ئىتنى گېرماندا باققان بولسا، خالمۇرات غوپۇر ئۈچۈن قاۋىغان بولاتتى. ھەيران قالىدىغان ئىش، بۇنىڭ قۇدىسى مېيونخېندىكى داڭلىق سىياسەتچى ئىكەن. ئۇ سىياسەتچىكە ج ك پ 2003 - يىلى تېررورچى دەپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپتىكەن. بۇ كىشىلەر ئەر - ئايال ۋەتەنگە قانداق بارالايدۇ؟؟؟ بۇ گۇيلارنى ئۇلۇغ زات خالمۇرات غوپۇرنىڭ قىساسى يۇتقاي!!!
@yasinumit5812
@yasinumit5812 Ай бұрын
Numus siz Uyghur (watan ga ) kayti wat kan numus siz num disak bula euro pa golandoya (Nederlan) qik kayti wati du, yani xular haywat - xikayat, titik siz amisi partiya azaliri (yaxlar) partiyisi (dimukratik) partiyisi, pidakar azalar jagqilar num day miz bil miduk…? Kandak birlik bular , kandak watan azat kilix mustakil bulux..! Hudayim Allah ozag bar….?!?!?!?!
@Mr.Kashgar
@Mr.Kashgar Ай бұрын
ۋەتەنگە قايتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە يىقىنقى 5يىلدا چەت ئەللەرگە ئوقۇشقا چىققان مىڭلىغان بالىلار مەۋجۇت . شۇڭا ۋەتەنگە قايتىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى بىرخىل كىشىلەر دەپ قاراش مۇتلەق توغرا دىيىشكە بولمايدۇ دەپ قارايمەن . بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسى ۋەتەندە ، خىتتايلارنىڭ قولىدا(ھەرۋاقىت قىيىن قىستاققا چۈشۈش ئالدىدىكى كىشىلەر) ، ۋەتەنگە قايىتماسلىققا رۇخسەت يوق . شۇڭا كۆپ ئۇيغۇر بالىلىرىمىز بۇنىڭغا ئامالسىز . ئۇلار ئۈچۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى قۇربان قىلىش بەدلىگە چەتئەللەردە قەپقىلىش بۇبىر ئىچىنىشلىق ھەم تەس بىر تاللاش
@Mr.Kashgar
@Mr.Kashgar Ай бұрын
مەنچە بىز بۇ ئوقۇشقا چىققان باللىلارنىڭ چەتئەللەردە قەپقىلىشىغا ياخشى شارائىتلارنى ھازىرلاپ ،ئۇلارغىمۇ زىيان يەتكۈزمەستىن ئىچكى جەھەتتىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىپىگە قوشىۋىلىشىمىز كىرەك
@ewetingderhal9141
@ewetingderhal9141 Ай бұрын
ۋەتەنگە قايتىۋاتقانلار ياكى چەت ئەلگە چىقىۋاتقانلار ھېچ بولمىغاندا شۇنى ئەستىپ چىقىرىپ قويماسلىقى كېرەك ئىدى: خىتاي بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ھازىر ۋەتەنگە قايتىۋاتقانلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى چەت ئەلدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بار ئىكەن دەپ لاگېرغا ياكى تۈرمىگە سولىۋېتىش ئېھتىماللىقىنى بولسىمۇ ئەستىن چىقىرىپ قويماسلىقى كېرەك ئىدى. ياكى چەت ئەلگە چىققانلارنى چەت ئەلگە چىقىپسەن دەپ جازالاش ئېھتىمالىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقى لازىم ئىدى. خىتاي دەل بىر نەچچە يىل ئىلگىرى چەت ئەلگە چىققان ياكى ۋەتەنگە قايتقانلارنى ئېغىر جازلىۋاتمىدىمۇ. بۈگۈن بېرىپ كېلىدىغانلارنىڭ يولىنى ئېچىۋەتكەن خىتاي، ئەتە ئۆگۈن بۇ يولدىن پايدىلىنىپ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈۋالغانلارنى جازالىمايدۇ دېگىلى بولامدۇ؟ . خىتاينىڭ لاگېر ۋە باشقا ئېغىر زۇلۇملىرى 1000 ياكى 100 يىل بۇرۇنلا ئەمەس تېخى يېقىندا بولدى ۋە بولىۋاتىدۇ. ۋەتەن ۋە مىللەتنى ئەمەس ئۆزىنىلا ياكى ئاتا-ئانىسىنىلا ئويلايدىغان بىرى، بىر نەچچە يىل ئىلگىرى «چەت ئەل» سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر پاجىئىنىلا ئويلىسىلا باشقىچە قارار چىقارغان بولاتتى.
@tahirqahiri1275
@tahirqahiri1275 Ай бұрын
ئۇ نەچچە مىڭ ئۇرغۇي 2017 - يىلىدىن 2022 - يىلىغىچە نېمىشقا ۋەتەنگە قايىتماپتىكەن؟؟؟ ۋىجدانلىق نۇرغۇن ئۇيغۇر ئۆتكەن 8 يىلدا ناھەق تۇتۇلغان تۇققانلىرى ۋە بىلىم ئادەملىرىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە خەلقئارا ئاخباراتلاردا زۇلۇم بايانى قىلىپ ج ك پىنىڭ تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر قىلدى. بۇ نەچچە مىڭ ئۇرغۇي ئارقىلىق ج ك پ بىزنى يالغانچى قىلماقچى. شۇڭا ئۇلار زامىۋى نىياز ھېكىمبەگلەردۇر. ئۇلار مىللىي مۇناپىقلاردۇر! ئۇلار لاگېردىكى نەچچە مىليون ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا تىزەكلىگۈچىلەردۇر! بىز ھارامدىن بولمىغان، ياكى تامدىن تۇغۇلمىغان بىزنىڭمۇ تۇققانلىرىمىز باريا. پەيلاسوپ ۋېتگېنشتايىن مۇنداق دەيدۇ: "دېگىلى بولىدىغان ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوچۇق دېيىش،لازىم."
@tahirqahiri1275
@tahirqahiri1275 Ай бұрын
مىللىي مۇناپىقلارنى مىللىي مۇناپىق دېيىش لازىم. ئۇلارنى ئاقلىغان كىشىلەرمۇ ئاشۇ مۇناپىقلارغا مەنپەئەت جەھەتتىن باغلانغان كىشىلەردۇر!!!
When you discover a family secret
00:59
im_siowei
Рет қаралды 35 МЛН
WILL IT BURST?
00:31
Natan por Aí
Рет қаралды 44 МЛН
ساغلام كىشىلىك |Cағлам кишилик
48:33
When you discover a family secret
00:59
im_siowei
Рет қаралды 35 МЛН