Рет қаралды 4,295
ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرىدىن ئەلئەزىز ھەققىدە 2 - قىسىم
ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرىدىن ئەلئەزىز بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك قېرىنداشلار! دۇنيادىكى ئەڭ شەرەپلىك، ئەڭ ئۇلۇغ ئىلىم شەكسىزكى، رەببىمىز ئاللاھ ھەققىدىكى ئىلىمدۇر! چۈنكى ئۇ بىزگە رەببىمىزنىڭ قانداق زات ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ قانداق سۈپەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا قانداق قۇل بولۇشىمىز كېرەكلىكىنى ۋە رەببىمىزنىڭ ھەربىر ئىسىملىرىنى ھاياتىمىزدا قانداق ئۆزلەشتۈرۈشىمىز كېرەكلىكىنى ناھايىتى روشەن شەكىلدە بىلدۈرىدۇ ۋە بىز رەببىمىزنى قانچە تونۇغانسىرى ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىمىز شۇنچە ئاشىدۇ ۋە ئۇ رازى بولىدىغان ئەمەللەرنى ئوتلۇق قىزغىنلىق بىلەن قىلالايمىز.
بۇ يەردە بىز سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ: ئاللاھنىڭ بىرى كەم توقسان توققۇز ئىسىمى بار، كىمكى ئۇنى ھاياتىدا ئۆزلەشتۈرۈپ ياشىسا، ئۇ جەننەتكە كىرىدۇ دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىنىڭ قانچىلىك چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماي تۇرالمايمىز! رەسۇلىمىز نېمىدېگەن توغرا ئېيتقان - ھە!
ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىنى ھاياتىدا چۈشەنگەن ۋە تەتبىقلاپ ياشىغان ئىنساندىنمۇ بەخىتلىك ئىنسان بولمىسا كېرەك! چۈنكى ئۇ راستىنلا شۇنداق ماڭالىسا زېمىن يۈزىدە مېڭىپ يۈرگەن قۇرئان بولۇشى ئېنىقتۇر!