Рет қаралды 3,251
تارىختا تۈرك ئاتالغۇسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەققىدە
دوكتور مەغپىرەت كامال خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاكادېمىيە سۆھبىتى بۇ قېتىم مەخسۇس ئۇيغۇر ۋە تۈرك تارىخىغا ئايرىلغان بولۇپ، ئۆزبەكىستاندىكى تونۇلغان ئۇيغۇر سىياسەتشۇناس ۋە تارىخ پروفېسسورى ئابلەت خوجايىۋ ئەپەندى بىلەن تۈركلەرنىڭ تارىخ سەھنىسىدە پەيدا بولۇشى ۋە تۈرك ئاتالغۇسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ئىنسان ئوغلىنىڭ ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن بىرى دۆلەت قۇرۇش، 6-ئەسىرلەردە تۈركلەرنىڭ تارىخ سەھنىسىدە پەيدا بولۇشى ۋە تۈرك ئاتالغۇسىنىڭ ئالتايلاردا ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە شۇ دەۋىردىكى تارىخىي ۋەزىيەت ۋە بەزى مۇھىم تارىخى ئاتالغۇلار ھەققىدە بۇ قېتىم ئۆزبېكىستاندىكى پىشىقەدەم ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتچىمىزدىن ئاڭلايمىز. ئۇيغۇر ۋە تۈرك تارىخىغا قىزىققان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبەتنى قولدىن بەرمەي، قىممەتلىك ئۇچۇرلارغا ئىگە بولىۋېلىشىغا تەكلىپ قىلىمىز.